زور مەسئۇلىيەتسىزلىك ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - زاۋۇت، كان، ئورمانچىلىق مەيدانى، بىناكارلىق كارخانىسى ياكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن باشقۇرۇشقا بويسۇنماي، قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى ئىشچىلارنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاپ، تالاپەت تۇغدۇرغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشلارغا قارىتىلىدۇ.
1. ئوبيېكتى - زاۋۇت، كان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيكېتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئىشلەپچىقىرىش، مەشغۇلات داۋامىدا باشقۇرۇشقا بويسۇنماي، قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلغان ياكى ئىشچىلارنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاپ تالاپەت تۇغدۇرغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولۇپ، پەقەت زاۋۇت، كان، ئورمانچىلىق مەيدانى، بىناكارلىق كارخانىسى ياكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى بىۋاستە ئىشلەپچىقىرىش، پەن تەتقىقات، قوماندانلىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئورۇنلار دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلار ۋە كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
134 - ماددا زاۋۇت، كان، ئورمانچىلىق مەيدانى، بىناكارلىق كارخانىسى ياكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن باشقۇرۇشقا بويسۇنماي، قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى ئىشچىلارنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاپ، زور تالاپەت تۇغدۇرغانلارغا ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.