UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقورال - جابدۇق، ھەربىي ئەشيالارنى ئوغرىلاش، تارتىۋېلىش جىنايىتى

قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەشيالارنى ئوغرىلاش، تارتىۋېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، قوراللىق قىسىملارنىڭ قورال - جابدۇقلىرىنى، ھەربىي ماددىي ئەشيالىرىنى يوشۇرۇن ۋاسىتىلەر بىلەن ئوغرىلىۋېلىش، باشقىلارنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ تارتىۋېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ قورال - جابدۇق ۋە ھەربىي ئەشيالارغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ھەمدە ھەربىي قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ ماددىي كاپالىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ قورال - جابدۇق ۋە ھەربىي ماددىي ئەشيالارنى يوشۇرۇن ۋاسىتىلەر بىلەن ئوغرىلىۋېلىش ياكى باشقىلارنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ ئاشكارا تارتىۋېلىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ھەربىيلەر بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 438 - ماددا قورال - جابدۇق ياكى ھەربىي ئەشيالارنى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. قورال - جابدۇق، ئوق - دورا ۋە پارتلاتقۇچلارنى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 127 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەشيالارنى ئوغرىلاش، تارتىۋېلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki