ئۆز يېقىنىنى قانۇنسىز نەپكە ئېرىشتۈرۈش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ پايدا تاپىدىغان كەسپىنى ئۆز يېقىنىنىڭ باشقۇرۇشىغا بەرگەن، ئۆز يېقىنى باشقۇرۇۋاتقان ئورۇندىن بازار باھاسىدىن يۇقىرى باھادا تاۋار سېتىۋالغان ياكى ئۆز يېقىنى باشقۇرۇۋاتقان ئورۇنغا بازار باھاسىدىن تۆۋەن باھادا تاۋار سېتىپ بەرگەن، ئۆز يېقىنى باشقۇرۇۋاتقان ئورۇندىن ئۆلچەمگە توشمايدىغان تاۋار سېتىۋالغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئىلگىلىكىدىكى شىركەت، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ نورمال باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مال - مۈلۈك ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ۋەزىپىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى ئۆز يېقىنىنى قانۇنسىز نەپكە ئېرىشتۈرگەن قىلمىشلار بولىدۇ.
3. سۇبيېكتى - پەقەتلا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىلا بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىنلا شەكىللىنىدۇ.
166 - ماددا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1) ئۆز ئورنىنىڭ يايدا تاپىدىغان كەسپىنى ئۆز يېقىنىنىڭ باشقۇرۇشىغا بەرگەنلەر؛
(2) ئۆز يېقىنى باشقۇرۋاتقان ئورۇندىن بازار باھاسىدىن يۇقىرى باھادا تاۋار سېتىۋالغانلار ياكى ئۆز يېقىنى باشقۇرۇۋاتقان ئورۇنغا بازار باھاسىدىن روشەن تۆۋەن باھادا تاۋار سېتىپ بەرگەنلەر؛
(3) ئۆز يېقىنى باشقۇرۋاتقان ئورۇندىن ئۆلچەمگە توشمايدىغان تاۋار سېتىۋالغانلار.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز يېقىنىنى قانۇنسىز نەپكە ئېرىشتۈرگەنلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) دۆلەتنى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛
2) ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ قويۇشى، ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
3( يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.