قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قاتناش - ترانسپورت باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغان، جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - قاتناش - ترانسپورتىنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قاتناش - ترانسپورتنى باشقۇرۇش قائىدە - نىزانلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىش ۋە ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغان ياكى جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
133 - ماددا قاتناش - ترانسىپورتنى باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىرىنىش ۋە ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قاتناش - ترانسپورت ھادىسىسى تۇغدۇرغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قېچىپ كېتىپ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەبىقلاشقا ئائتى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىلى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى)
قاتناش ھادىسىس جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئۆتكۈزگۈچىلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، قاتناش ھادىسىسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىلدى:
1 - ماددا قاتناش - ترانسپورت بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملار ياكى قاتناش - ترانسپورت بىلەن شۇغۇللانمايدىغان خادىملار قاتناش - ترانسپورتنى باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن - نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، زور قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرسا، ھادىسە جاۋابكارلىقىنى ئېنىق ئايرىش ئاساسىدا، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 133 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
2 - ماددا قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا ئۈچۈ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛
(1) بىردىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈش ياكى ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم ئېغىر زەخىملىنىشنى پەيدا قىلغانلاردىن ھادىسىدە پۈتۈن ياكى ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىرى؛
(2) ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈشنى پەيدا قىلغانلاردىن ھادىسىدە ئوخشاش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىرى؛
(3) جامائەت مۈلكى - ياكى باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى بىۋاستە زىيانغا ئۇچراتقلردىن ھادىسىدە پۈتۈن ياكى ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولسىمۇ تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەن سوممىسى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرى.
قاتناش ھادىسىدە بىردىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى پەيدا قىلغانلاردىن ھادىسىدە پۈتۈن ياكى ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىرى ھەمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ:
(1) ھاراق ئىچىۋېلىپ، زەھەر چىكىۋېلىپ ياكى ئىستېمال قىلىۋېلىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتلىرىنى ھەيدىگەنلەر؛
(2) ھەيدەش سالاھىيىتى يوق تۇرۇلۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەنلەر؛
(3) بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى تولۇق بولمىغان ياكى بىخەتەرلىك زاپچاسلىرى ئىشلىمەيدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ھەيدىگەنلەر؛
(4) نومۇر تاختىسى، گۇۋاھنامىسى بولمىغان ياكى كېرەكتىپ چىققان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ھەيدىگەنلەر؛
(5) نورمىدىن بەك ئارتۇق يۈك قاچىلاپ ھەيدىگەنلەر؛
(6) قانۇننىڭ سۈرۈشتۈرۈشىدىن باش تارتىپ، ھادىسە مەيدانىدىن قېچىپ كەتكەنلەر.
3 - ماددا <قاتناش - ترانسپورت ھادىسىسىدىن كېيىن قېچىپ كېتىش> قىلمىشى سادىر قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 2 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا ۋە 2 - تارمىقىنىڭ (1) تۈرىدىن (5) تۈرىگىچە بولغانلىرىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن، قانۇننىڭ سۈرۈشتۈرۈشىدىن باش تارتىپ قېچىپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ.
4 - ماددا قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغانلىرى <باشقا پەۋقۇلئاددە قەبىھ قىلمىشى بار> دەپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ:
(1) ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى ياكى بەشتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى پەيدا قىلغانلاردىن ھادىسىدە پۈتۈن ياكى ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىرى؛
(2) ئالتىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلاردىن ھادىسىدىن ئوخشاش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىرى؛
(3) جامائەت مۈل - مۈلكى ياكى باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى بىۋاستە زىيانغا ئۇچراتقانلاردىن ھادىسىدە پۈتۈن ياكى ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولسىمۇ، تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەن سوممىسى 600 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرى.
5 - ماددا <قېچىپ كېتىپ ئادەم ئۆلۈشنى پەيدا قىلىش> قىلمىشى سادىر قىلغۇچى قاتناش ھادىسىس تۇغدۇرغاندىن كېيىن قانۇننىڭ سۈرۈشتۈرۈشىدىن باش تارتىپ قېچىپ كېتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قۇتقۇزۇلماي ئۆلۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغاندىن كېيىن، ئورۇننىڭ مەسئۇل خادىملىرى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىگىلىرى، ھۆددە ئالغۇچىلىرى ياكى ئۇنىڭغا ئولتۇغۇچىلاردىن ھادىسە سادىر قىلغۇچىغا قېچىپ كېتىش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قۇتقۇزۇلماي ئۆلۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلغانلىرى قانتاش ھادىسىسى جىنايىتىدە ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
6 - ماددا قىلمىش سادىر قىلغۇچىلاردىن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇغاندىن كېيىن قانۇننىڭ سۈرۈشتۈرۈشىدىن باش تارتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ھادىسە مەيدانىدىن ئېلىپ كېتىپ يوشۇرۇپ قويۇپ ياكى تاشلىۋېتىپ، ئۇنىڭ قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كېتىش ياكى ئېغىر مېيىپ بولۇشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 232 - ماددىسى، 342 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى ياكى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
7 - ماددا ئىدارىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىگىلىرى ياكى ھۆددە ئېلغۇچىلىرىدىن باشقىلارنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا ھەيدەشكە كۆرسەتمە بېرىپ، زورلاپ، زور قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 2 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
8 - ماددا ئاممىۋى قاتناش باشقۇرۇلىدىغان دائىرىدە تۇغۇلغان زور قاتناش ھادىسىلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 133 - ماددىسىدىكى ۋە مۇشۇ ئىزاھاتتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ئاممىۋى قاتناش باشقۇرۇش دائىرىسى سىرتىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەپ ياكى باشقا قاتناش قوراللىرىنى ئىشلىتىپ تالاپەي پەيدا قىلغانلىرى ياكى جامائەت مال - مۈلكى ياكى باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 134 -، 135 -، 233 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
9 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، 300 مىڭ يۈەندىن 600 مىڭ يۈەنگىچە، 600 مىڭ يۈەندىن بىر مىليون يۈەنگىچە بولغان دائىرىدە، شۇ جايدا مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 2 - ماددا 1 - تارماق (3) تۈرىنى 4 - ماددىسىنىڭ (3) تۈرىنى ئىجرا قىلىشتىكى تۆۋەن سومما ئۆلچىمىنى بېكىتسە ھەمدە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.