UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقورال - جابدۇق ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى

قورال - جابدۇق ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ قورال - جابدۇق ئىشلىتىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ مەسئۇلىيەتسىزلىك ھادىسىسى پەيدا قىلغان، كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنى قورال - جابدۇق ئىشلىتىش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قورال - جابدۇق ئىشلىتىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 436 - ماددا قورال - جابدۇق ئىشلىتىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك ھادىسىسى پەيدا قىلغان، كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت