UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتخەتەرلىك بۇيۇملارنى تاشلاش جىنايىتى

خەتەرلىك بۇيۇملارنى تاشلاش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قەستەنلىك بىلەن زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى (خاسلىققا ئىگە بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىم، ساغلاملىقى ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى قاتارلىق مال - مۈلۈكنىڭ بىخەتەرلىكى) بولىدۇ. 2.ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى خەتەرلىك بۇيۇملارنى سېلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ (14 ياشقا توشقان). 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 114 - ماددا ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 115 - ماددا 1 - تارماق ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياك باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
خەتەرلىك بۇيۇملارنى تاشلاش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki