UyghurWiki›422 جىنايەت›يالغان، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش جىنايىتى
يالغان، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - يالغان، ناچار قىلمىشلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغان، ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت خادىملىرىنىڭ نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى يالغان، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
414 - ماددا يالغان، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش لازىم؛
1) يالغان دورا، زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىغا يول قويغان بولسا؛
2) قانۇن بويىچە ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان، يالغان، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىغا يول قويغان بولسا؛
3)يالغان، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، يالغان، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا؛
4) يالغان، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان بولسا ياكى يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولسا؛
5) سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئادا قىلماي ياكى يالغان، ناچار تاۋار ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشىنى سادىر قىلغان ئۈچتىن ئارتۇق ئورۇن ياكى شەخسنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) يالغان دورا ياكى زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى ھەرىكەتلىرىگە يول قويۇش قىلمىشى قەبىھ ياكى ئاقىۋىتى ئېغىر بولسا؛
(2) قانۇن بويىچە بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتىك قاماق جازاسى بېرىلىش ئېھتىمالى بار يالغان، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش قىلمىشلىرىغا يول قويغان بولسا؛
(3) يالغان، ناچار تاۋار ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشىنى سادىر قىلغان ئورۇن ياكى شەخسنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى بەش قېتىمدىن ئارتۇق ئادا قىلمىغان ياكى بەشتىن ئارتۇق شۇنداق ئورۇن ياكى شەخسنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) يالغان دورا ياكى زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىغا يول قويۇپ، ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولسا؛
(2) قانۇن بويىچە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتىك قاماق جازاسى بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان يالغان، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىغا يول قويغان بولسا؛
(3) يالغان، ناچار تاۋار ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش جىنايى قىلمىشىنى سادىر قىلغان ئورۇن ياكى شەخسنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى يەتتە قېتىمدىن ئارتۇق ئادا قىلمىغان ياكى يەتتىدىن ئارتۇق شۇنداق ئورۇن ياكى شەخسنى سۈرۈشتۈرمىگەن بولسا.