UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئادەم توپلاپ بۇلاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى

ئادەم توپلاپ بۇلاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، ئادەم توپلاپ جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل - ماللىرىنى بۇلاپ كەتكەن ياكى باشقا قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلۈككە ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى ئادەم توپلاپ بۇلاپ كەتكەن، بۇلىغان نەرسىنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولغان ياكى ئادەم توپلاپ بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئاكتىپ قاتناشقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ، ئادەم توپلاپ بۇلاپ كېتىش قىلمىشىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ بۇلۇشى ناتايىن، پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى <باش ئۇنسۇرلار> ياكى <ئاكتىپ قاتناشقۇچىلار> ئاندىن بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 268 - ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى ئادەم توپلاپ بۇلاپ كەتكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغان باش ئۇنسۇرلارغا ۋە ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۆمۈريول قانۇنى (1990 - يىل 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى) 64 - ماددا تۆمۈريولدا توشۇلۇۋاتقان ماددىي ئەشيالارنى توپلىشىپ بۇلاپ كەتكەن ياكى باش جىنايەتچىلەرنىڭ، تاياناچ ئۇنسۇرلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 151 - ياكى 152 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچىلەر باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئالدىنقى ماددىدىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورمان بايلىقىغا بوزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى) 14 - ماددا بەش كۇب مېتىردىن يۇقىرى ياغاچنى ئادەم توپلاپ بۇلاپ كەتسە، ئادەم توپلاپ بۇلاپ كەتكەن ئورماننىڭ <مىقدارى كۆپرەك> بولغانغا ياتىدۇ؛ 20 كۇب مېتىردىن يۇقىرى ئورماننى ئادەم توپلاپ بۇلاپ كەتسە، ئادەم توپلاپ بۇلاپ كەتكەن ئورماننىڭ <مىقدارى بىر قەدەر كۆپرەك> كە ياتىدۇ؛ باش جىنايەتچى ۋە ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 268 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادەم توپلاپ بۇلاش جىنايىتى بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت