UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتالونلارنى قانۇنسىز ياساش، قانۇنسىز ياسالغانلىرىنى سېتىش جىنايىتى

تالونلارنى قانۇنسىز ياساش، قانۇنسىز ياسالغانلىرىنى سېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تالونلادىن باشقا تالونلارنى ياسىغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى ساتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تالونلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە باج باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبېيكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئىمپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تالونلاردىن باشقا تالونلارنى ياسىغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى ساتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 209 - ماددا 2 - تارماق ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلگەندىن باشقا تالونلارنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى ساتقانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 211 - ماددىنى مەزكۇر كىتابنىڭ 157 - بېتىدىن كۆرۈڭ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) 50 پارچىدىن ئارتۇق ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى ساتقانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت