UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتزەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى

زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئىشلەپچىقارغان، ساتقان يېمەكلىككە يېمەكلىنىڭكىدىن باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيالارنى ئارىلاشتۇرۇپ، ياكى يېمەكلىكنىڭكىدىن باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيالار ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تازىلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خاسلىققا ئىگە بولمىغان نۇرغۇن ئادەملەرنڭ ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ يېمەكلىكلەر تازىلىقىنى باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان يېمەكلىككە باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيالارنى ئارىلاشتۇرغان ياكى يىمەكلىكلىنڭكىدىن باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيا ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 144 - ماددا ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان يېمەكلىككە يېمەكلىكنىڭكىدىن باشقا زەھەرلىك زىيانلىق خام ئەشيالارنى ئارىلاشتۇرغانلارغا ياكى يېمەكلىكنىڭكىدىن باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيالار ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ يېمەكلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىش ھادىسىسىنى ياكى يېمەكلىكتىن بولىدىغان باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 114 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 150 - ماددا ۋە 149 - ماددىلارنى مەزكۇر كىتانىڭ 69 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت