UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتيەتتىنچى باب دۆلەت مۇداپىئەسى مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى 324 - ھەربىيلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى

يەتتىنچى باب دۆلەت مۇداپىئەسى مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى 324 - ھەربىيلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە ھەربىيلىك سالاھىيىتى يوق كىشىلەرنىڭ زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە نورمال ۋەزىپە ئىجرا قىلىش پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 368 - ماددا 1 - تارماق ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت