UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇش، ئونىڭغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە قاتنىشىش جىنايىتى

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇش، ئونىڭغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە قاتنىشىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - تەشكىلىي، رەھبەرلىكى بولغان ھالدا پىلانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلىي ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، قاتناشقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ خەۋپسىزلىكى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە قاتناشقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 120 - ماددا 1 - تارماق، 2 - تارماق تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن ھەمدە قاتىللىق قىلىش، پارتلىتىش، تۇتۇپ كېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇ جازالاشقا دائىر بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇش، ئونىڭغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە قاتنىشىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki