قەرز پۇل ئالدامچىلىقى جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە مەبلەغ ۋە تۈر قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈشتە يالغان سەۋەب ئويدۇرۇپ چىقىرىش، يالغان ئىقتىسادىي توختام ئىشلىتىش، يالغان ئىسپات - ھۆججەت ئىشلىتىش، يالغان مۈلۈك ھوقۇقى ئىسپاتىنى كېپىللىككە ئىشلىتىش ياكى رەنىگە قويۇلغان نەرسىنىڭ قىممىتىدىن ئاشۇرۇپ تەكرار كېپىللىك بېرىش، باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئالداپ قەرز پۇل ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ئالداپ قەرز پۇل ئالغانلاردىن، سوممىسى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - بانكا ياكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز پۇلىغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ھەم دۆلەتنڭ پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنى ئالداپ قەرز پۇل ئالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل ئىپادىسى بار: بىرىنچى، مەبلەغ ۋە تۈر كىرگۈزۈشتە يالغا سەۋەب ئويدۇرۇپ چىقىرىش؛ ئىككىنچى، يالغان ئىقتىسادىي توختام ئىشلىتىپ قەرز پۇل ئېلىش؛ ئۈچىنچى، ساختا ئىسپات - ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىپ ئالداپ قەرز پۇل ئېلىش؛ تۆتىنچى، ساختا مۈلۈك ھوقۇقى ئىسپاتىنى كېپىللىككە ئىشلىتىش ياكى رەنىگە قويۇلغان نەرسىنىڭ قىممىتىدىن ئاشۇرۇپ، تەكرار كېپىللىككە بېرىپ، ئالداپ قەرز پۇل ئېلىش. بەشىنچى، باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئالداپ قەرز پۇل ئېلىش.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
193 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ئالداپ قەرز پۇل ئالغانلاردىن، سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) مەبلەغ ۋە تۈر قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈشتە يالغان سەۋەب ئويدۇرۇپ چىقىرىش؛
(2) يالغان ئىقتىسادىي توختام ئىشلىتىش؛
(3) يالغان ئىسپات - ھۆججەت ئىشلىتىش؛
(4) يالغان مۈلۈك ھقۇقى ئىسپاتىنى كېپىللىككە ئىشلىتىش ياكى رەنىگە قويۇلغان نەرسىنىڭ قىممىتىدىن ئاشۇرۇپ تەكرار كېپىللىككە بېرىش؛
(5) باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئالداپ قەرز پۇل بېرىش.
287 - ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرىلاش، خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ئالداپ قەرز پۇل ئالغانلاردىن، سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.