UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقاتناش ئەسلىھەلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇش جىنايىتى

قاتناش ئەسلىھەلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - سەۋەنلىك بىلەن رېلىس، كۆۋرۈك، تونېل، تاشيول، ئايرودروم، سۇ يولى، ماياك، بەلگە قاتناش ئەسلىھەلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - قاتناش - ترانسپورت بىخەتەرلىكى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىك بىلەن قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 119 - ماددا قاتناش ۋاسىتىلىرى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىك جىنايەتلەرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قاتناش ئەسلىھەلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki