نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قانۇن بويىچە قاماققا ئېلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملارنى ئۇرۇش، توپلىشىپ جېدەل چىقىرىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى ئۇرۇش ۋە ئۇلارغا تەن جازاسى بېرىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇيۇشتۇرۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبېيكتى - ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىپ نازارەت قىلىپ ئورگانلارنىڭ نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تۆۋەندىكى تۆت خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملارنى ئۇرۇش؛ ئىككىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇيۇشتۇرۇش؛ ئۈچىنچى، توپلىشىپ جېدەل چىقىرىپ، نورمال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇش؛ تۆتىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى ئۇرۇش، ئۇلارغا تەن جازاسى بېرىش ياكى باشقىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى ئۇرۇشقا، تەن جازاسى بېرىشكە كۈشكۈرتۈش.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى قاماققا (تۈرمىگە) ئېلىنغان جىنايەتچىلەر بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
315 - ماددا قانۇن بويىچە قاماققا ئېلىنغان جىنايەتچىلەردىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان ۋە قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ:
(1) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇغۇچى خادىملارنى ئۇرغانلار؛
(2) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇيۇشتۇرغانلار؛
(3) توپلىشىپ جېدەل چىقىرىپ، نورمال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛
(4) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى ئۇرغان ۋە ئۇلارغا تەن جازاسى بەرگەنلەر ياكى باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلەر.