UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتسودا ئىناۋىتىگە، تاۋار داڭقىغا زىيان يەتكۈزۈش جىنايىت

سودا ئىناۋىتىگە، تاۋار داڭقىغا زىيان يەتكۈزۈش جىنايىت

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قىلمىش سادىر قىلغۇچى يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ ھەم تارقىتىپ، باشقىلارنىڭ سودا ئىناۋىتىگە، تاۋار داڭقىغا زىيان يەتكۈزۈگەن ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ بازار باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە باشقىلارنىڭ سودا ئىناۋىتى ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ ھەم تارقىتىپ، باشقىلارنىڭ سودا ئىناۋىتىگە، تاۋار داڭقىغا زىيان يەتكۈزۈپ، باشقىلارغا ئېغىر زىيان كەلتۈرگەن ياكى باشقا ئېغىر ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (ئورۇن ۋە شەخسلەر) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 221 - ماددا يالغان پاكىتنى ئويدۇرۇپ ھەم تارقىتىپ، باشقىلارنىڭ سودا ئىناۋىتىگە، تاۋار داڭقىغا زىيان يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ياكى باشقىلارنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. 231 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 221 - ماددىدىن 230 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) يالغان پاكىتنى ئويدۇرۇپ ھەم تارقىتىپ، باشقىلارنىڭ سودا ئىناۋىتىگە، تاۋار داڭقىغا زىيان يەتكۈزگەنلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) باشقىلارنى 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛ 2) يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە بولغانلار: (1) باشقىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزۈگەنياكى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ قويۇشى، ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ (2) يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
سودا ئىناۋىتىگە، تاۋار داڭقىغا زىيان يەتكۈزۈش جىنايىت | UyghurWiki | UyghurWiki