ئوت قويۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قەستەن ئوت قويۇپ، جامائەتنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى كۆيدۈرۈپ، جامائەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى (خاسلىققا ئىگە بولمىغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى، جامائەتنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ زور مال - مۈلكى، شۇنداقلا نورمال بولغان ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ خەۋپسىزلىكى) بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، ئوت قويۇپ ئومۇمنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى كۆيدۈرگەن قىلمىشنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سوبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكتىپ بولىدۇ (14 ياشقا توشقان).
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن بولغان بولىدۇ.
114 - ماددا ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
115 - ماددا 1 - تارماق ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.