تالونلارنى قانۇنسىز سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەتنىڭ تالونلارنى باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان تالونلاردىن باشقا تالونلارنى قانۇنسىز ساتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تالونلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان تالونلاردىن باشقا تالونلارنى 50 پارچىدىن ئارتۇق قانۇنسىز ساتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
209 - ماددا 2 - تارماق، 4 - تارماق ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلگەندىن باشقا تالونلارنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى ساتقانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
3 - تارماقتىكى بەلگىلىمە كۆرسىتىلگەندىن باشقا تالونلاردىن قانۇنسىز ساتقانلارغا 2 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
211 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافنىڭ 201 -، 203 -، 204 -، 207 -، 208 -، 209 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
50 پارچىدىن ئارتۇق ئادەتتىكى تالونلارنى قانۇنسىز ساتقانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.