UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە ماددىي ياردەم بېرىش جىنايىتى

دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە ماددىي ياردەم بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر دۆلەت ئىچىدىكى تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنىڭ دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، قوراللىق ئىسيان، توپىلاڭ كۆتۈرۈش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشىغا ماددىي ياردەم بەرگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - خەلق دېموكرتىيىسى دىكتاتۇرلۇقىدىكى ھاكىمىيەت ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈم بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، قوراللىق ئىسيان، توپىلاڭ كۆتۈرۈش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكتىپ بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 107 - ماددا چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىك ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەر چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ مۇشۇ بابنىڭ 102 -، 103 -، 104 -، 105 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ماددىي ياردەم بەرسە، بىۋاستە جاۋابكارلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 113 - ماددا مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ. 56 - ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، زەھەر سېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلار بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بولىدۇ. سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئايرىم بېرىشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى (1993 - يىل 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى) 4 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە پۇقرا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارسا، جەزمەن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئېلىپ بارغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن باشقىلار ئېلىپ بارغان ياكى چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. (1) ھۆكۈمىتىمىزنى ئاغدۇرۇشقا، دۆلەتنى پارچىلاشقان، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا سۈيىقەست قىلىش؛ (4) دۆلەت خادىملىرىنى ئاسىيلىق قىلىشقا قۇترىتىش، ئازدۇرۇش، ئۆزىگە تارتىش؛ 23 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئېلىپ بارغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن باشقىلار ئېلىپ بارغان ياكى چېگرا ئىچىدىك تەشكىلاتلار، شەخسلەر چېگرا سىرتىدىك ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 25 - ماددا چېگرا سىرتىدا تەھدىتكە ئۇچراش ياكى باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن دۈشمەن تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن، ئۆز ۋاقتىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتقان ياكى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىۋاستە ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق تەشكىل ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىد دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن مەلۇم قىلغانلار سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە ماددىي ياردەم بېرىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki