UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى قەرز قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇش جىنايىتى

تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى قەرز قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار كىشىلەردىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى قەرز قىلىپ، مال - مۈلۈكنى يۆتكىۋېتىش ياكى يوشۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، باق ئورگانلىرى ئېلىشقا تېگىشلىك قەرز قالغان باج پۇلىنى ئالالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان، سوممىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ باج باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە مال - مۈلۈكنى يۆتكىۋېتىش ياكى يوشۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، باج ئورگانلىرى ئېلىشقا تېگىشلىك قەرز قالغان باج پۇلىنى ئالالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان، سوممىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىد سۇبيېكت، يەنى باج پۇلىدىن قەرز بولۇپ قالغۇچىلار بولۇپ، قانۇنغا ئاساسەن باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئورۇنلار ۋە تەبىئىي شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 203 - ماددا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى قەرز قىلىپ، مال - مۈلۈكنى يۆتكىۋېتىش ياكى يوشۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، باج ئورگانلىرىنى قەرز قالغان باج پۇلىنى ئالالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان باج تاپشۇرغۇچىلاردىن سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قەرز قىلغان باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قەرز قىلغان باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. 211 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافنىڭ 201 -، 203 -، 204 -، 207 -، 208 -، 209 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىلاردىك بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 212 - ماددا مۇشۇ پاراگرافتىكى 201 - ماددىدىن 205 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، جەرىمانە جازاسى، مال - مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى، باج ئورگانلىرى ئۇلارغا باج پۇلىنى ۋە ئالداپ ئېلىۋالغان ئېكسپورت باج قايتۇرما پۇلىنى ئالدى بىلەن تاپشۇرغۇزىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى قەرز قىلىپ، مال - مۈلۈكنى يۆتكىۋېتىش ياكى يوشۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، باج ئورگانلىرىنى قەرز قالغان باج پۇلىنى ئالالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان باج تاپشۇرغۇچىلاردىن سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت