ئورۇنغا پارا بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ، دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىغا پۇل - مال بەرگەن ياكى ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈرلۈك نامدا ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى بەرگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئورگانلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئىككى خىل قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنچىسى، دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىغا پۇل - مال بېرىش قىلمىشى؛ ئىككىنچىسى، ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرىغا تۈرلۈك نامدا ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى بېرىش قىلمىشى.
3. سۇبيېكتىپ جەھەتتە ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي ئادەم ۋە ئورۇن) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
391 - ماددا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ، دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىغا پۇل - مال بەرگەن ياكى ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈرلۈك نامدا ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئورۇنلاردىكى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
ئورۇنغا پارا بېرىش جىنايىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛
1) شەخسىي بەرگەن پارا سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق، ئورۇن بەرگەن پارا سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛
2) شەخسىي بەرگەن پارا سوممىسى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن، ئورۇن بەرگەن پارا سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق، 200 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن بولسىمۇ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن بولسا.
(1) قانۇنسىز مەنپەئەتنى كۆزلەپ پارا بەرگەن بولسا؛
(2) ئۈچتىن ئارتۇق ئورۇنغا پارا بەرگەن بولسا؛
(3) پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلارغا پارا بەرگەن بولسا؛
(4) دۆلەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولسا.