UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتداۋالاشتا ھادىسە پەيدا قىلىش جىنايىتى

داۋالاشتا ھادىسە پەيدا قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - تېببىي خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - كېسەللەرنىڭ تەن ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تېببىي داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ نورمال خىزمەت تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، كېسەللەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى كېسەللەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان سالغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى تېببىي خادىملار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 335 - ماددا تېببىي خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى (گوۋۇيۈەن، 2002 - يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى) (مەزكۇر بەلگىلىمىدىن ياكى 2004 - يىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان <روھىي زىياننىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقى> دېگەن كىتابتىن پايدىلىنىڭ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي دوختۇرلار قانۇنى (1998 - يىل 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى) 37 - ماددا كەسىپ پائالىيىتىدە بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان دوختۇرلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ياكى كەسىپ پائالىيىتىنى ئالتە ئايدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ (1) سەھىيە مەمۇرىي قائىدە - تۈزۈملىرىگە ياكى تېخنىكىلىق مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛ (2) كېسىلى جىددىي، خەتەرلىك بىمارنى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشنى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ كېچىكتۈرۈپ قويۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛ (3) داۋالاش مەسئۇلىيەت ھادىسىسى پەيدا قىلغانلار؛ (4) ئۆزى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويماي، دىئاگنوز، داۋالاش، تارقىلىشچان كېسەل ئىلمىگە دائىر ياكى تۇغۇلغانلىق، ئۆلگەنلىككە دائىر ئىسپات - ھۆججەتلەرگە قول قويغانلار؛ (5) تېببىي ھۆججەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يوشۇرغان، ياسىۋالغان ياكى خالىغانچە كۆيدۈرۋەتكەنلەر؛ (6) تەستىقلانمىغان دورا، دېزىنفېكسىيە دورىسى ۋە داۋالاش سايمانلىرىنى ئىشلەتكەنلەر؛ (7) ناركوز دورىسى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك دورا، نېرۋا دورىلىرى ۋە رادىئوئاكتىپ دورىلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەتكەنلەر؛ (8) بىمار ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، بىمارنى كىلىنىكىدا تەجرىبە قىلىپ داۋالىغانلار؛ (9) بىمارنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛ (10) ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، بىماردىن پۇل - مال سورىغان، قانۇنسىز ھالدا پۇل - مال ئالغان ياكى باشقا ناتوغرا مەنپەئەت ئالغانلار؛ (11) تەبىئىي ئاپەت بولغان، يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان، زور تالاپەت ھادىسىسى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋە خەلقنىڭ ھاياتى - ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالىدىغان باشقا جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنمىغانلار؛ (12) داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى بىمارنىڭ زەخىملەندۈرگەنلىكىنى، نورمالسىز ئۆلگەنلىكىنى سەزگەندە بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغانلار.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت