UyghurWiki›422 جىنايەت›باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش ۋە تونۇشتۇرۇش جىنايىتى
باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش ۋە تونۇشتۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پۇل، ماددىي نەرسە قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرۇش، ئالداش ياكى باشقىلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشى ئۈچۈن سورۇن ۋە قۇلايلىق ھازىرلاپ بېرىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشى ئۈچۈن ۋاسىتىچى بولۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش ۋە تونۇشتۇرۇش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
359 - ماددا باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن ۋە تونۇشتۇرغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
361 - ماددا مېھمانخانا، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، ئاپتوموبىل كىراكەشلىك ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ئۆز ئورنىنىڭ شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان، زورلىغان، ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن ۋە تونۇشتۇرغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 358 -، 359 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشۋازلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە ھەققىدىكى جاۋاب>
(1992 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى)
6. باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش، تونۇشتۇرۇش جىنايىتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟
باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش، تونۇشتۇرۇش جىنايىتى تاللاش خاراكتېرىگە ئىگە بىرخىل جىنايەت نامى. باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش، تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ خىل قىلمىش بىرلا ۋاقىتتا سادىر قىلىنغان ياكى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل قىلمىش سادىر قىلىنغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئوخشاشلا بۇ جىنايەت شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا تونۇشتۇرغانلارغا باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا تونۇشتۇرۇش جىنايىتى بېكىتىلىدۇ؛ ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش، تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل قىلمىشنى بىرلا ۋاقىتتا سادىر قىلغانلارغا بىرنەچچە جىنايىتىنى قوشۇپ جاز بېرىلمەي، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش، تونۇشتۇرۇش جىنايىتى بېكىتىلىدۇ.
باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش، تونۇشتۇرۇشتا پايدا تېپىش مەقسەت قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقى بۇ خىل جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
<قارار> نىڭ 3 - ماددا 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، 14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغانلارغا باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا زورلاش جىنايىتى بېكىتىلىپ، مۇشۇ قارارنىڭ 2 - ماددا 1 - تارمىقىدىكى 14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا زورلاش ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
7. قايسى قىلمىشلار باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش، تونۇشتۇرۇش جىنايىتىدىكى <قىلمىشى ئېغىر> ھېسابلىنىدۇ؟
باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغانلاردىن <قىلمىشى ئېغىر بولغانلار> دەپ ئومۇمەن تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ:
(1) باشقىلارنى كۆپ قېتىم ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغانلار؛
(2) كۆپ ئادەمنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغانلار؛
(3) ئېغىر جىنسىي كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغانلار؛
(4) 14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغانلار؛
(5) باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغانلاردىن باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلار.
9. <قارار> دا كۆرسىتىلگەن <باشقىلار>، <كۆپ ئادەم>، <كۆپ قېتىم> دېگەنلەرنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
(1) باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان، ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەملەشكەن، زورلىغان، ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغان دېگەن سۆزدىكى <باشقىلار> دەپ ئاساسلىقى ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
(2) <قارار> ۋە مۇشۇ <جاۋاب> دىكى <كۆپ ئادەم>، <كۆپ قېتىم> دېگەن سۆزدىكى <كۆپ> <ئۈچ> تىن ئارتۇق ساننى كۆرسىتىدۇ (ئۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).