UyghurWiki›422 جىنايەت›ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن دەل - دەرەخلەرنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، توشۇش جىنايىتى
ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن دەل - دەرەخلەرنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، توشۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پايدا تېپىش مەقسىتىدە، ئورمان رايونىدا ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن دەل - دەرەخ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ دەل - دەرەخلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئورمان رايونىدا ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن دەل - دەرەخ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
345 - ماددا 3 - تارماق، 4 - تارماق ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن دەل - دەرەخ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئورماننى ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كەسكەن ياكى كەلسە - كەلمەس كەسكەنلەرگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى338 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى)
10 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 345 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن دەل - دەرەى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش> تىكى <بىلىپ تۇرۇپ> دېگىنىمىز، بىلگەن ياكى چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، چوقۇم بىلگەن دەپ قارىلىدۇ، بىراق دەلىل - ئىسپاتلاردا ھەقىقەتەن ئالدانغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا:
(1) قانۇنسىز ياغاچ - ماتېرىياللىرى سودا بازىرىدىن سېتىۋالغان ياكى قانۇنسىز سېتىۋالغۇچى ئورۇن سېتىۋالغان ياغاچ ماتېرىياللار؛
(2) بازار باھاسىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن باھادا سېتىۋالغان ياغاچ ماتېرىياللىرى؛
(3) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سېتىلغان ياغاچ ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالغانلار.
11 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى سادىر بولسا، ئورمان رايونىدا ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن ئورمانلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىشتىكى <قىلمىشى ئېغىر> بولۇشقا ياتىدۇ:
(1) ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن 20 كۇب مېتىردىن يۇقىرى ياغاچ ياكى 1000 تۈپتىن يۇقىرى كۆچەتنى قانۇنسىز سېتىۋالغانلار؛
(2) ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن ئىككى كۇب مېتىردىن يۇقىرى ياغاچ ياكى بەش تۈپتىن يۇقىرى ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخنى قانۇنسىز سېتىۋالغانلار؛
(3) باشقا ئېغىر قىلمىشى بولسا.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى سادىر بولسا، ئورمان رايونىدا ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن ئورمانلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش قىلمىشىدىكى <قىلمىشى ئېغىر> بولۇشقا ياتىدۇ:
(1) ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن 100 كۇب مېتىردىن يۇقىرى دەل - دەرەخ ياكى 5000 تۈپتىن يۇقىرى كۆچەتنى قانۇنسىز سېتىۋالغان بولسا؛
(2) ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن بەش كۇب مېتىردىن يۇقىرى ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخ ياكى ئون تۈپتىن يۇقىرى كۆچەتنى قانۇنسىز سېتىۋالغان بولسا؛
(3) باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولسا.
16 - ماددا ئورۇن جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 334 - ماددىسى، 345 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى سادىر قىلسا، جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشتە مۇشۇ ئىزاھاتتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
17 - ماددا بۇ ئىزاھاتتا بەلگىلەنگەن ئورمان سانى كۇب ياغاچ بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئەسلىدىكى ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ يىغىندىسىدىن شۇ دەرەخنى چىقىرىۋەتكەن ماتېرىيالنىڭ نىسبىتىنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ.
بۇ ئىزاھاتتا دېيىلگەن <كۆچەت> دىئامېتىرى بەش مىللىمېتىردىن تۆۋەن دەرەخنى كۆرسىتىدۇ.
كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن دەرەخلەرنىڭ سانى، كېسىلگەن رايوننى تەكشۈرۈپ لايىھىلەشكە رۇخسەت قىلىنغان خاتارلىق پەرقىنى سوممىدىن يۇقىرى ھېسابلاش كېرەك.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى
(1998 - يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى)
43 - ماددا ئورمان رايونىدا ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، قالايمىقان كېسىلگەن دەل - دەرەخ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنسىز سېتىۋالغانلارنى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ سېتىۋالغان شۇ دەل - دەرەخ ياكى ئۇنىڭدىن قىلىنغان تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ سېتىۋالغان دەل - دەرەخ باھاسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.