UyghurWiki›422 جىنايەت›قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچ بۇيۇملار، خەتەرلىك بۇيۇملارنى بۇلاش جىنايىتى
قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچ بۇيۇملار، خەتەرلىك بۇيۇملارنى بۇلاش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى باشقا مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچ بۇيۇم، خەتەرلىك بۇيۇملارنى مەجبۇرىي بۇلاپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ھەم قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچ، خەتەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچ، خەتەرلىك بۇيۇملارنى بۇلاپ قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيكېتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىدا قەستەنلىك بولىدۇ.
127 - ماددا 2 - تارماق قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچنى بۇلىغان ياكى زەھەرلك، رادىئو ئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى بۇلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن ياكى دۆلەت ئورگانلىرى، ھەربىيىلەر، ساقچىلار، خەلق ئەسكەرلىرىنڭ قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچنى ئوغرىلىغان ۋە تارتىۋالغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قامق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.