UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تالونلارنى قانۇنسىز سېتىش جىنايىتى

ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تالونلارنى قانۇنسىز سېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى قانۇنسىز ساتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تالونلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قوشۇلما قىممەت باج تالونىدىن باشقا، ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تالونلاردىن 50 پارچىدىن ئارتۇقىنى قانۇنسىز ساتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 209 - ماددا 3 - تارماق ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى قانۇنسىز ساتقانلارغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 209 - ماددا 1 - تارماق ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. 211 - ماددىنى مەزكۇر كىتابنىڭ 157 - بېتىدىن كۆرۈڭ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) 50 پارچىدىن ئارتۇق ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تالونلارنى قانۇنسىز ساتقانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت