UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتيار قويۇۋېتىش جىنايىتى

يار قويۇۋېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قەستەن سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ سۇ ئاپىتى پەيدا قىلىپ، جامائەت ئامانلىقىغا زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى (خاسلىققا ئىگە بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى، جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ زور مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى) بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان يار قويۇۋېتىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتىپ - ئادەتتىكى سۇبېيكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 114 - ماددا ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 115 - ماددا 1 - تارماق ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقارنلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
يار قويۇۋېتىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki