UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئاكسىيە، زاكاز مال باھاسىدا باھانى كونترول قىلىۋېلىش جىنايىتى

ئاكسىيە، زاكاز مال باھاسىدا باھانى كونترول قىلىۋېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئاكسىيە سودىسىدا باھانى كونترول قىلىۋېلىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشكەن ياكى خەۋپ - خەتەرنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ئاكسىيە ۋە زاكاز مال بازارلىرىنىڭ نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئاكسىيە، زاكاز مال بازىرىنىڭ باھاسىنى كونترول قىلىۋېلىپ قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 182 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىدا باھانى كونترول قىلىۋېلىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشكەن ياكى خەۋپ - خەتەنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. (1) ئۆز ئالدىغان ياكى بىرلىشىۋېلىپ، مەبلەغ ئۈستۈنلۈكىنى، پاي ئىگىلەش ئۈستۈنلۈكى توپلاپ ياكى ئۇچۇر ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ بىرلىشىپ ياكى ئۇدا ئېلىپ - سېتىپ، ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىدا باھانى كونترول قىلىۋېلىش؛ (2) تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، ئالدىن كىلىشىۋالغان ۋاقىت، باھا ۋە ئۇسۇل بويىچە ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسى سودىسىدا باھاغا ياكى ئۇنىڭ سودا مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزۈش؛ (3) ئۆزى سودا ئوبيېكتى بولۇۋېلىپ، ئاكسىيە ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكىمەي ئۆزى ئېلىپ، ئۆزى سېتىپ ياكى ئۆزى سودا ئوبيېكتى بولۇۋېلىپ، زاكاز مال توختىمىسىنى ئۆزى ئېلىپ، ئۆزى سېتىپ، ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىدا باھاغا ياكى ئۇنىڭ سودا مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزۈش؛ (4) ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىدا باھانى باشقا ئۇسۇللار بىلەن كونترول قىلىۋېلىش. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىدا باھانى كونترول قىلىۋېلىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشكەن ياكى خىيىمخەتەرنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز پايدا ئالغانلار؛ 2) سودا باھاسى ۋە سودا مىقدارىنىڭ بەك بىنورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ 3) زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن باشقىلارنى سودا باھاسىنى كونترول قىلىشقا مەجبۇرلىغانلار؛ 4) يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىدا باھانى كونترول قىلىۋېلىپ، ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق، يەنە ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىدا باھانى كونترول قىلىۋالغانلار.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
ئاكسىيە، زاكاز مال باھاسىدا باھانى كونترول قىلىۋېلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki