UyghurWiki›422 جىنايەت›جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ جىنايى جازادىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا ياردەملىشىش جىنايىتى
جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ جىنايى جازادىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا ياردەملىشىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەقىپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، قۇلايلىق يارىتىپ بېرىپ، جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ جازادىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا ياردەم بېرىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئىناۋىتى ۋە نورمال پائالىيىتى ھەمدە جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەكشۈرۈپ جازالاش، زەربە بېرىش پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەقىپ قىلىش مەسئۇلىيىتىدىكى قۇلايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، جىنايەتچى ۋە ئۇنسۇرلارغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى جازادىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى جىنايى ھەرىكەتلەرنى مەنئى قىلىش مەسئۇلىيىتى بولغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىلا مۇشۇ جىنايەتنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. بۇ ئاساسلىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى قاتارلىقلارنىڭ خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
417 - ماددا جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەقىپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ، قۇلايلىق يارىتىپ بېرىپ، جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ جازادىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا ياردەم بەرگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش لازىم؛
1) جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىنى جىنايى جازادىن قاچۇرۇش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقنىڭ جىنايى ھەرىكەتنى تەقىپ قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى، خادىملار، تەدبىر، ۋاقىت، ئورۇن قاتارلىق ئەھۋاللارنى جىنايەتچىگە ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىغا ئاشكارىلاپ قويغان بولسا؛
2) جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىنى جىنايى جازادىن قاچۇرۇش ئۈچۈن، جىنايەتچى ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىغا قاتناش ۋاسىتىسى، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى، يوشۇرۇنىدىغان جايغا ئوخشاش قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن بولسا؛
3) جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىنى جىنايى جازادىن قاچۇرۇش ئۈچۈن، جىنايەتچى ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىغا دېلو ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ دەلىل - ئىسپاتنى يوشۇرۇش، يوقىتىۋېتىش، ياساش، شۇنىڭدەك تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش، ئىقراردىن تېنىۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن، ئەقىل كۆرسەتكەن بولسا؛
4) جىنايەتچىگە خەۋەر يەتكۈزگەن، قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەن، جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىنىڭ جىنايى جازادىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن باشقا قىلمىشلار بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىنى ئۈچ قېتىم ياكى ئۇلاردىن ئۈچتىن ئارتۇقىنى جىنايى جازادىن قاچۇرغان بولسا؛
(2) ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىسىنىڭ جىنايى جازادىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا ياردەملەشكەن بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىنى بەش قېتىم ياكى ئۇلاردىن بەشتىن ئارتۇقىنى جىنايى جازادىن قاچۇرغان بولسا؛
(2) ئىككىدىن ئارتۇق ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىسىنىڭ جىنايى جازادىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا ياردەملەشكەن بولسا.