خەتەرلىك بۇيۇملار ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، ئىشلىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ پارتلاپ كېتىدىغان، ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى، رادىئوئاكتىپلىق، زەھەرلىك، چىرىتكۈچ بۇيۇملارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەتتە زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى، يەنى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە جامائەت، شەخسلەرنىڭ كۆپ ساندىكى مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى يۇقىرىدا ئېيتىلغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، ئىشلىتىش داۋامىدا زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبېيكتى - ئاساسلىقى خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساقلىغۇچى، توشۇغۇچى ۋە ئىشلەتكۈچى خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
136 - ماددا پارتلاپ كېتىدىغان، ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملار، رادىئوئاكتىپلىق، زەھەرلىك، چىرىتكۈچى بۇيۇملارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.