UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقانۇنسىز ئاختۇرۇش جىنايىتى

قانۇنسىز ئاختۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باشقىلارنىڭ يېنىنى، تۇرار جايىنى قانۇنسىز ئاختۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى چوقۇم باشقىلارنىڭ يېنىنى، تۇرار جايىنى قانۇنسىز ئاختۇرغان قىلمىشنى ئېلىپ بارغان بولۇشى شەرت. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىككى خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بولىدۇ: بىرى، ئاختۇرۇش ھوقۇقى بولمىغانلار باشقىلارنىڭ يېنىنى، تۇرار جايىنى قانۇنسىز ئاختۇرغان بولىدۇ؛ يەنە بىرى، ئاختۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلار قانۇنسىز ھالدا ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاختۇرۇش قىلمىشى ئېلىپ بارغان بولىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 245 - ماددا باشقىلارنىڭ يېنىنى، تۇرار جايىنى قانۇنسىز ئاختۇرغانلارغا ياكى باشقىلارنىڭ تۇرار جايىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئەدلىيە خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز ئاختۇرۇپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا دېلو ئېچىش كېرەك: 1) باشقىلارنىڭ يېنىنى، تۇرار جايىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش ۋاسىتىسى قەبىھ بولسا؛ 2) قانۇنسىز ئاختۇرۇپ، ئاختۇرۇلغۇچىنىڭ ئېلىشىپ قېلىشىنى، ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى مال - مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛ 3) ئەدلىيە خادىملىرى باشقىلارنىڭ جىنايەتكە مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يېنىنى ۋە باشقا جايلىرىنى قانۇنسىز ئاختۇرغان بولسا؛ 4) ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ياكى ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم (ئائىلە) نى قانۇنسىز ئاختۇرغان بولسا. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ تەھقىلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. چوڭ دېلو (1) بەش قېتىمدىن ئارتۇق ياكى بىر قېتىمدا بەشتىن ئارتۇق ئادەم (ئائىلە) نى قانۇنسىز ئاختۇرغان بولسا؛ (2) ئاختۇرۇلغۇچىنىڭ ئېلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا. 2. پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو (1) يەتتە قېتىمدىن ئارتۇق ياكى بىر قېتىمدا يەتتىدىن ئارتۇق ئادەم (ئائىلە) نى قانۇنسىز ئاختۇرغان بولسا؛ (2) ئاختۇرۇلغۇچىنىڭ ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت