UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدۆلەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا نەپسانىيەتچىلىك قىلىش جىنايىتى

دۆلەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا نەپسانىيەتچىلىك قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ كادىر قوبۇل قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە بولغان نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتىدۇر. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى جەريانىدا نەپسانىيەتچىلىك قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 418 - ماددا دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش لازىم؛ 1) يۈز - خاتىر قىلىپ، شەخسىي مەنپەئىتىنى دەپ، ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ كادىرلار، نوپۇس ئارخىپى، ئىمتىھان نەتىجىسى قاتارلىقلارنى توقۇپ چىقىپ، ئۆزگەرتىپ، دۆلەت خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ساختىپەزلىك قىلغان بولسا؛ 2) يۈز - خاتىر قىلىپ، شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ لاياقەتسىز دۆلەت خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇغۇچىنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ياكى ئۇلاردىن ئۈچتىن ئارتۇقراقىنى بىر قېتىمدىلا قوبۇل قىلغان بولسا؛ 3) لاياقەتسىز دۆلەت خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈپەيلىدىن، چەتكە قېقىلغان لاياقەتلىك خادىم ياكى ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئېلىشىپ قېلىشى ياكى ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 4) دۆلەت خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، شۇ قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ قايتا ئېلىپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 5) لاياقەتسىز دۆلەت خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بولسا. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) لاياقەتسىز دۆلەت خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇغۇچىنى بەش قېتىمدىن ئارتۇق ياكى ئۇلاردىن بەشتىن ئارتۇقىنى بىر قېتىمدىلا قوبۇل قىلغان بولسا؛ (2) دۆلەت خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ شۇ ناھىيە، رايون تەۋەسىدە قايتا ئېلىپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ (3) لاياقەتسىز دۆلەت خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈپەيلىدىن، چەتكە قېقىلغان لاياقەتلىك خادىم ياكى ئۇنىڭ تۇغقىنىنىڭ ئېلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا. 2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) لاياقەتسىز دۆلەت خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇغۇچىنى يەتتە قېتىمدىن ئارتۇق ياكى ئۇلاردىن يەتتىدىن ئارتۇقىنى بىر قېتىمدىلا قوبۇل قىلغان بولسا؛ (2) دۆلەت خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ شۇ ۋىلايەت، شەھەر تەۋەسىدە قايتا ئېلىپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ (3) لاياقەتسىز دۆلەت خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈپەيلىدىن، چەتكە قېقىلغان لاياقەتلىك خادىم ياكى ئۇنىڭ تۇغقىنىنىڭ ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت