UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقانۇنسىز ئوۋچىلىق قىلىش جىنايىتى

قانۇنسىز ئوۋچىلىق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئوۋچىلىق قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىغان رايوندا، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان مەۋسۈمدە ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان قورال - سايمان ۋە ئۇسۇللار بىلەن ئوۋچىلىق قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى باشقۇرۇشنى قوغداش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئوۋچىلىق قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان رايوندا، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان مەۋسۈمدە ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان قورال - سايمان ۋە ئۇسۇللار بىلەن ئوۋچىلىق قىلىپ ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 341 - ماددا 2 - تارماق ئوۋچىلىق قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان رايوندا، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان مەۋسۈمدە ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان قورال - سايمان ۋە ئۇسۇللار بىلەن ئوۋچىلىق قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ. 346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى) 6 - ماددا ئوۋچىلىق قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان رايوندا، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان مەۋسۈمدە ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان قورال - سايمان ۋە ئۇسۇل بىلەن ئوۋچىلىق قىلغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى قانۇنسىز ئوۋچىلىق <قىلمىشى ئېغىر> دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ (1) قانۇنسىز ئوۋلىغان ياۋايى ھايۋان 20 دىن ئاشىدىغانلىرى؛ (2) ئوۋچىلىق قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان رايوندا ياكى ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان مەۋسۈمدە ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان قورال - سايمان ۋە ئۇسۇل بىلەن ئوۋچىلىق قىلغانلىرى؛ (3) باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرى. 7 - ماددا پارتلىتىش، زەھەر تاشلاش، ئېلېكتر تورى ئورنىتىش قاتارلىق خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن ياۋايى ھايۋان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلاردىن ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ياكى قانۇنسىز ئوۋچىلىق قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 114 - ياكى 115 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى شەكىللەندۈرگەنلىرىگە ئېغىرراق جازا كېلىدىغان بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت