UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئېكسپورت باج قايتۇرما پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى

ئېكسپورت باج قايتۇرما پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەتنىڭ باج باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرما پۇلىنى ئېكسپورتنى يالغان مەلۇم قىلىش ۋاسىتىسى ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان، سوممىسى كۆپرەك بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرما پۇلىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باج پۇلىنى تاپشۇرمىغان باج تاپشۇرغۇچىلار دۆلەتنىڭ باج باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېكسپورتنى يالغان مەلۇم قىلىش ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرما پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن سوممىدى كۆپرەك بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 204 - ماددا دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرما پۇلىنى ئېكسپورتنى يالغان مەلۇم قىلىش ۋاسىتىسى ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئالداپ ئېلىۋالغان باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئالداپ ئېلىۋالغان باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئالداپ ئېلىۋالغان باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. باج تاپشۇرغۇچىلاردىن باج پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تاپشۇرغان باج پۇلىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئېلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 201 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ؛ ئالداپ ئېلىۋالغان باج پۇلىنىڭ تاپشۇرغان باج پۇلىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 211 - ماددا ۋە 212 - ماددىلارنىڭ مەزمونىنى مەزكۇر كىتابنىڭ 157 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى 2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرما پۇلىنى ئېكسپورتنى يالغان مەلۇم قىلىش ۋاسىتىسى ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
ئېكسپورت باج قايتۇرما پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki