UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتھەربىي خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە كېتىپ قېلىش ۋە خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى

ھەربىي خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە كېتىپ قېلىش ۋە خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەردىن قوماندانلىق قىلغۇچىلار، دىژورنىلار ۋە ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەرنىڭ خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە كېتىپ قېلىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت ەپەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ھەربىيلەردىن قوماندانلىق قىلغۇچىلار، دىژورنىلار ۋە ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەرنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ھەربىيلەردىن قوماندانلىق قىلغۇچىلار، دىژورنىلار ۋە ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەر مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، خىزمەت ئورنىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلغان ياكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقاندا بىپەرۋالىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ھەربىيلەردىن قوماندانلىق قىلغۇچىلار، دىژورنىلار ۋە ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەر بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 425 - ماددا قوماندانلىق قىلغۇچىلار، دىژورنىلار ۋە ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەردىن خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە كېتىپ قېلىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
ھەربىي خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە كېتىپ قېلىش ۋە خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki