UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقىسىمدىن قېچىش جىنايىتى

قىسىمدىن قېچىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ قىسىمدىن قاچقان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ھەربىي قىسىمدىن قاچقان ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملار (ھەربىيلەر) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 435 - ماددا ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ قىسىمدىن قاچقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت