زەھەر چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز تېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەپيۇنگۈل، كەندىر، كوكايىن قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز تېرىغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز تېرىغان، مىقدارى كۆپرەك بولغان ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جازا بەرسىمۇ توۋا قىلماي داۋاملىق تېرىغان ياكى چانىۋېتىشكە قارشىلىق كۆرسەتكەن قىلمىشنى سادىر قىلىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
351 - ماددا زەھەرلك بۇيۇم چىقىدىغان ئەپيۇنگۈل، كەندىر قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز تېرىغانلارنىڭ ئاشۇ ئۆسۈملۈكلىرى بىردەك مەجبۇرىي چانىۋېتىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
(1) تېرىغان ئەپيۇنگۈلى 500 تۈپتىن كۆپ، 3000 تۈپتىن ئاز ياكى زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولغانلار؛
(2) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن يەنە تېرىغانلار؛
(3) چانىۋېتىشكە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر.
قانۇنسىز تېرىغان ئەپيۇنگۈلى 3000 تۈپتىن كۆپ ياكى زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئەپيۇنگۈل ياكى زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز تېرىغانلاردىن ھوسۇل يىغىۋېلىشتىن بۇرۇن ئۆزلۈكىدىن چانىۋەتكەنلەرگە جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
356 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ زەھەر جىنايىتى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 يىل 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى)
5 - ماددا قانۇنسىز تېرىغان كەندىرى 5000 تۈپتىن كۆپ، 30 مىڭ تۈپتىن ئاز بولغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى 351 - ماددىسىنىڭ 1 - تارماق (1) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەندەك قانۇنسىز تېرىغان كەندىرنىڭ <مىقدارى كۆپ بولغانلار> دەپ بېكىتىش كېرەك؛ قانۇنسىز تېرىغان كەندىرى 30 مىڭ تۈپتىن كۆپ بولغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى 351 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەندەك قانۇنسىز تېرىغان كەندىرنىڭ <مىقدارى كۆپ بولغانلار> دەپ بېكىتىش لازىم.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات> نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى
(1994 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
س