UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتيالاپ مېڭىلغۇچىنى بۇلاش جىنايىتى

يالاپ مېڭىلغۇچىنى بۇلاش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - يالاپ مېڭىلغان جىنايەتچى، جاۋابكار ۋە جىنايەت گۇماندارىنى بۇلاش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە يالاپ ئېلىپ مېڭىلغان جىنايەتچى، جاۋابكار ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنى بۇلاش قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 316 - ماددا 2 - تارماق يالاپ مېڭىلغان جىنايەتچى، جاۋابكار ۋە جىنايەت گۇماندارىنى بۇلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت