UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئاسىيلىق قىلىپ قېچىپ كېتىش جىنايىتى

ئاسىيلىق قىلىپ قېچىپ كېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان مەزگىلدە خىزمەت ئورنىدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلىپ، چېگرا سىرتىغا قېچىپ كېتىش ياكى چېگرا سىرتىدىن قېچىپ كېتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى (يەنى خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى ھاكىمىيەت ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈم) بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان مەزگىلدە خىزمەت ئورنىدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلغان، چېگرا سىرتىغا ئاسىيلىق قىلىپ قېچىپ كەتكەن ياكى چېگرا سىرتىدىن ئاسىيلىق قىلىپ قېچىپ كەتكەن قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكتىپ (دۆلەت ئورگان خادىملىرى) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 109 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىش ئورنىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلىپ، ئاسىيلىق قىلىپ چېگرا سىرتىغا قېچىپ، ياكى چېگرا سىرتىدا ئاسىيلىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. دۆلەت مەخپىيىتىنى ئىگىلەپ تۇرغان دۆلەت خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 113 - ماددا مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ. 56 - ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، زەھەر سېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلىرى بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بولىدۇ. سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئايرىم بېرىشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلكى قانۇنى (1993 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى) 4 - ماددا 1 - تارماق ھەرقانداق تەشكىلات ۋە پۇقرا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارسا، جەزمەن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت