UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتنەپسانىيەتچىلىك قىلىپ دۆلەت مۈلكىنى تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرۇش، تۆۋەن باھادا سېتىش جىنايىتى

نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ دۆلەت مۈلكىنى تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرۇش، تۆۋەن باھادا سېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرۇپ ياكى تۆۋەن باھادا سېتىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت، كارخانىلارنىڭ مال - مۈلكىگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە دۆلەت مەبلىغىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئادا قىلماي نەپسانىيەتچىلىك قىلىش تۈپەيلىدىن، دۆلەت مۈلكىنى تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرۇپ ياكى تۆۋە باھادا سېتىپ، دۆلەتكە 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت، كارخانىلارنىڭ تىجارىتىنىڭ توختاپ قېلىشى ياكى ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 169 - ماددا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرۇپ ياكى تۆۋەن باھادا سېتىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋبكار مەسئۇل خادىملىرى نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرۇپ ياكى تۆۋەن باھادا سېتىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) دۆلەتنى 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛ 2) دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ قويۇشى ياكى ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ 3) يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت