يالغان گۇۋاھلىق بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، خاتىرىلىگۈچى ۋە تەرجىمانلاردىن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ياكى جىنايەت پاكىتلىرىنى يوشۇرۇش غەرىزىدە دېلو بىلەن مۇھىم ئالاقىسى بولغان ئەھۋاللاردا، قەستەن يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن، باھالىغان، خاتىرە يازغان ۋە تەرجىمە قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جىنايى ئىشلار دەۋا پائالىيىتى جەريانىدا، دېلو بىلەن مۇھىم مۇناسىۋىتى بولغان ئەھۋاللارغا يالغاندىن گۇۋاھلىق بەرگەن، باھالىغان، خاتىرە يازغان، تەرجىمە قىلغان قىلمىش ياكى جىنايى پاكىتلارنى يوشۇرغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى جىنايى ئىشلار دەۋا پائالىيىتى جەريانىدىكى گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، خاتىرىلىگۈچى ۋە تەرجىمانلار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن بولىدۇ، يەنى قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۆزىنىڭ يالغان بايانىنىڭ دېلو بىلەن مۇھىم مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا قەستەن يالغان بايان قىلغان بولىدۇ.
305 - ماددا جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، خاتىرىلىگۈچى ۋە تەرجىمانلاردىن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ياكى جىنايەت پاكىتلىرىنى يوشۇرۇش غەرىزىدە دېلو بىلەن مۇھىم ئالاقىسى بولغان ئەھۋاللاردا قەستەن يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن، باھالىغان، خاتىرە يازغان ۋە تەرجىمە قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى
45 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن دەلىل - ئىسپات توپلاش ۋە ئېلىشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر دەلىل - ئىسپاتلارنى ئەينەن يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
دۆلەت مەخپىيىتىگە تاقىلىدىغان دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش لازىم. دەلىل - ئىسپاتلارنى ئويدۇرغان، يوشۇرغان ياكى يوقىتىۋەتكەنلەر قايسى تەرەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
47 - ماددا گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى سوتتا ئەيىبلىگۈچى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ سوئال سوراشلىرىدىن، ئۇلارنى يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاشتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى شەرت. ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ئېلىنغان ھەمدە تەكشۈرۈپ راست بولۇپ چىققاندىلا دېلو بېكىتىشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ. سوت گۇۋاھچىنىڭ قەستەن يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى ياكى جىنايەت پاكىتلىرىنى يوشۇرغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندا، ئۇنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى
102 - ماددا دەۋا قاتناشچىلىرىدا ياكى باشقا كىشىلەردە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى جەرىمانە قويىدۇ، تۇتۇپ تۇرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ:
(1) مۇھىم دەلىل - ئىسپاتلارنى يالغاندىن ياساپ، كۆيدۈرۈۋېتىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلولارنى قاراپ چىقىشقا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا؛
(2) گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، پارا بېرىپ سېتىۋېلىش يولى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان ياكى باشقىلارنى يالغاندىن گۇۋاھلىق بېرىشكە كۈشكۈرتكەن، پارا بېرىپ سېتىۋالغان، تەھدىت سېلىپ مەجبۇرلىغان بولسا؛
(3) پېچەتلەپ قويۇلغان، تۇتۇپ تۇرۇلغان مال - مۈلۈكلەر ياكى ئېنىقلىنىپ بولغان ھەمدە ئۇنىڭ ساقلاپ بېرىشىگە تاپشۇرۇلغان مال - مۈلۈكلەرنى يوشۇرۇپ قويغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن، كۆيدۈرۈۋەتكەن، توڭلىتىپ قويۇلغان مال - مۈلۈكلەرنى يۆتكىۋەتكەن بولسا؛
(4) ئەدلىيە خادىملىرى، دەۋا قاتناشچىلىرى، گۇۋاھچىلار، تەرجىمانلار، باھالىغۇچىلار، ئېنىقلىغۇچىلار ۋە ئىجرا قىلىشقا ياردەم بەرگۈچىلەرگە ھاقارەت كەلتۈرگەن، تۆھمەت چاپلىغان، زىيانكەشلىك قىلغان، ئۇلارنى ئۇرغان ياكى ئۇلاردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغان بولسا؛
(5) ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن ياكى باشقا يوللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان بولسا؛
(6) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم، كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتقان بولسا.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىغا ياكى بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار خادىملىرىغا جەرىمانە قويسا ۋە ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.