نارەسىدە قىزلارنى ئازدۇرۇپ ئىپپەت - نومۇسىنى ساتقۇزۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پۇل، ماددىي نەرسە بېرىشتەك ۋاسىتىلەر بىلەن 14 ياشقا توشمىغان قىزلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرۇش، ئالداش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جەمئىيەت ئامانلىق تەرتىپى ۋە نارەسىدە قىزلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە 14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغان قىلمىشنى سادىر قىلىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
359 - ماددا 14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنى ئازدۇرۇپ ئىپپەت - نومۇسىنى ساتقۇزغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
361 - ماددا مېھمانخانا، يېمەك - ئىچمكە مۇلازىمەت ئورنى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، ئاپتوموبىل كىراكەشلىك ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ئۆز ئورنىنىڭ شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان، زورلىغان، ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن ۋە تونۇشتۇرغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 358 -، 359 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.