UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتيالغان ئىسپات - ھۆججەت بېرىش جىنايىتى

يالغان ئىسپات - ھۆججەت بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - مۈلۈك باھالاش، مەبلەغ تەكشۈرۈش، ئىسپات تەكشۈرۈش، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان ۋاسىتىچى تەشكىلاتلاردىكى خادىملاردىن قەستەن يالغان ئىسپات - ھۆججەت بەرگەن ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - بازارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە مۈلۈك باھالاش، مەبلەغ تەكشۈرۈش، ئىسپات تەكشۈرۈش، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان ۋاسىتىچى تەشكىلاتلاردىكى خادىملار قەستەن يالغان ئىسپات - ھۆججەت بەرگەن ئېغىر قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولۇپ، مۈلۈك باھالاش، مەبلەغ تەكشۈرۈش، ئىسپات تەكشۈرۈش، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك، قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەتچى خادىملىرى، شۇنىڭدەك مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان باشقا ۋاسىتىچى تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 229 - ماددا مۈلۈك باھالاش، مەبلەغ تەكشۈرۈش، ئىسپات تەكشۈرۈش، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان ۋاسىتىچى تەشكىلاتلاردىكى قەستەن يالغان ئىسپات - ھۆججەت بەرگەن خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا، بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خادىملار باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى پۇل - مالنى قانۇنسىز ئېلىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزسە، بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. 1 - تارماقتا بەلگىلەنگەن خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، بەرگەن ئىسپات - ھۆججەتلىرى پاكىتتىن تولىمۇ يىراق بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. 231 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 221 - ماددىدىن 230 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەررنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ياكى باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) مۈلۈك باھالاش، مەبلەغ تەكشۈرۈش، ئىسپات تەكشۈرۈش، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىەە ئالغان ۋاسىتىچى تەشكىلاتلاردىكى قەستەن يالغان ئىسپات - ھۆججەت بەرگەن خادىملاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) دۆلەت، جامائەتچىلىك ياكى باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛ 2) يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، يالغان ئىسپات - ھۆججەت بېرىپ ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق، يەنە يالغان ئىسپات - ھۆججەت بەرگەنلەر؛ 3) يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت