UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقورال - جابدۇقنى يوقىتىپ قويۇش جىنايىتى

قورال - جابدۇقنى يوقىتىپ قويۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ قورال - جابدۇقنى يوقىتىپ قويۇپ ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغان ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ قورال - جابدۇقلارنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قورال - جابدۇقنى يىتتۈرۈپ قويۇپ ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغان ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبېيكتى - ھەربىيلەر بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 441 - ماددا قورال - جابدۇقنى يوقىتىپ قويۇپ ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلارغا ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت