چەك - ھۆججەت ئالدامچىلىقى جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پۇل مۇئامىلە چەك - ھۆججىتىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ ئوبيېكت بولىدۇ، باشقىلارنىڭ مال - مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە چەك - ھۆججەت باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە پۇل مۇئامىلە چەك - ھۆججىتىدىن پايدىلىنپ ئالدامچىلىق قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. قىلمىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇللىرى مۇنداق: بىرىنچى، پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل چېكىنىڭ ياسالغان ياكى ئۆزگەرتىپ ياسالغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ئىشلىتىش؛ ئىككىنچى، بىكار قىلىنغان پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل چېكى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ئىشلىتىش؛ ئۈچىنچى، باشقىلارنىڭ پېرېۋوت چېكى، خاس چېكى، پۇل چېكىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىش؛ تۆتىنچى، قۇرۇق پۇل چېكى ياكى قالدۇرۇلغان تامغا ئىزى ۋە ئىمزاغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پۇل چېكىگە قول قويۇپ پۇل - مال ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ بەشىنچى، پېرېۋوت چېكى، خاس چەك كەسكۈچى مەبلەغ كېپىللىكى بولمىغان پېرېۋوت چېكى، خاس چەككە قول قويۇپ ياكى چەك كەسكەندە يالغان خاتىرىلەپ ئالداپ پۇل - مال ئېلىۋېلىش؛ ئالتىنچى، ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان ھاۋالە كىرىم دوكۇمېنتى، پۇل پېرېۋوت دوكۇمېنتى، بانكا ئامانەت پۇل تالونى، قاتارلىق باشقا بانكا راسچوتىدىكى دوكۇمېنتلارنى ئىشلىتىش.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
194 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، پۇل مۇئامىلە چەك - ھۆججىتى ئالدامچىلىقى قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەدنىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل چېكىنىڭ ياسالغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلىتىش؛
(2) بىكار قىلىنغان پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل چېكى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلىتىش؛
(3) باشقىلارنىڭ پېرېۋوت چېكى، خاس چېكى ۋە پۇل چېكىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىش؛
(4) قۇرۇق پۇل ياكى قالدۇرۇلغان تامغا ئىزى ۋە ئىمزاغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پۇل چېكىگە قول قويۇپ، پۇل - مالنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛
(5) پېرېۋوت چېكى، خاس چەك كەسكۈچى مەبلەغ كېپىللىكى بولمىغان پېرېۋوت چېكى، خاس چەككە قول قويۇپ ياكى چەك كەسكەندە يالغان خاتىرىلەپ، ئالداپ پۇل - مال ئېلىۋېلىش.
ياسىغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغان ھاۋالە كىرىم دوكۇمېنتى، پۇل پېرېۋوت دوكۇمېنتى، بانكا ئامانەت پۇل تالونى قاتارلىق بانكىنىڭ باشقا راسچوتىدىكى دوكۇمېنتلىرىنى ئىشلەتكەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
199 - ماددا مۇشۇ پاراگرافنىڭ 192 -، 194 - ۋە 195 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەردىن سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا ھەمدە دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىز زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
200 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافنىڭ 192 -، 194 - ۋە 195 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
287 - ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرىلاش، خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
پۇل مۇئامىلە چەك - ھۆججىتى ئالدامچىلىقى قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغان بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) شەخس 5000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل مۇئامىلە چەك - ھۆججىتىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا؛
2) ئورۇن 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل مۇئامىلە چەك - ھۆججىتىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا؛