ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان داۋالاش ئەسۋابى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان داۋالاش ئەسۋابى، تېببىي تازىلىق ماتېرىيالى ئىشلەپچىقارغان ياكى دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ تەن سالامەتلىكنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان داۋالاش ئەسۋابى، تېببىي تازىلىق ماتېرىيالى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىپ، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنڭ داۋالاش ئەسۋابى، تېببىي تازىلىقى ماتېرىياللىرىغا ئائىت باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە پۇقرالارنىڭ تەن سالامەتلىك ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ تەن سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان داۋالاش ئەسۋابى، تېببىي تازىلىقى ماتېرىيالى ئىشلەپچىقارغان ياكى دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ تەن سالامەتلكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان داۋالاش ئەسۋابى، تېببىي تازىلىق ماتېرىيالى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىپ، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
145 - ماددا دۆلەتنڭ ۋە ساھەنىڭ تەن سالامەتلىكنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان داۋالاش ئەسۋابى، تېببىي تازىلىق ماتېرىيالى ئىشلەپچىقارغان ياكى دۆلەتنڭ ۋە ساھەنىڭ تەن سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان داۋالاش ئەسۋابى، تېببىي تازىلىق ماتېرىيالى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇچمە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.