دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - يەر باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق يەرلىرىنى كۆپلەپ ۋەيران قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ يەرلەرنى، بولۇپمۇ تېرىلغۇ يەر، ئورمانلىق يەرلىرىنى قوغداشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تېرىلغۇ يەرلىرى ياكى ئورمانلىق يەرلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان، مىقدارى كۆپرەك بولغان، زور مىقداردىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق يەرلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
342 - ماددا يەر باشقۇرۇش قانۇنى، ئورمان قانۇنى، يايلاق قانۇنى قاتارلىق قانۇنلار ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي نىزاملارنىڭ يەر باشقۇرۇش توغرىسىدىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرىگە ئوخشاش دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان يەرنى قانۇنسىز ئىگىلەپ، شۇ ئىگىلىۋالغان يەرنى باشقا ئىشلارغا ئىشلەتكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان، تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرىگە ئوخشاش دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان تېرىلغۇ يەرنى كۆپلەپ ۋەيران قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى
(1998 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى)
74 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ خۇمدان سېلىش، قەبرە قوپۇرۇش ياكى تېرىلغۇ يەردە خالىغانچە ئۆي سېلىش، قۇم ئېلىش، ياش ئېلىش، رۇدا قېزىش، توپا ئېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تېرىقچىلىق شارائىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ياكى يەر ئېچىش سەۋەبىدىن يەرلەرنى چۆللەشتۇرۇۋەتكەن، شورلاشتۇرۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تۈزىتىشكە ياكى ئوڭشاشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
76 - ماددا تەستىقلاتماي ياكى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ تەستىقلىتىپ، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا خىلاپلىق قىلىپ يېزا ئىگىلىك يېرىنى خالىغانچە قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىۋالغانلارنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرگە يېڭىدىن سالغان بىنا ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە چۇۋۇۋېتىلىپ، يەر ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن بولغانلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرگە يېڭىدىن سالغان بىنا ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قانۇنسىز يەر ئىگىلىۋالغان ئورۇننىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇلىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
يەرنى تەستىقلانغان ساندىن ئاشۇرۇپ ئىگىلىۋالغانلارنىڭ كۆپ ئىگىلىۋالغان يېرى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يەر بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى)
3 - ماددا يەر باشقۇرۇش قانۇن - نىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، تېرىلغۇ يەرنى قانۇنسىز ئىگىلەپ باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان، نۇرغۇن تېرىلغۇ يەرنى ۋەيران قىلغانلىرىغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 342 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن تېرىلغۇ يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ:
(1) قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان تېرىلغۇ يەرنىڭ <مىقدارى كۆپرەك> بولغانلار بەش مودىن ئارتۇق ئاساسىي ئېتىزنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان ياكى ئاساسىي ئېتىزدىن باشقا تېرىلغۇ يەردىن 10 مودىن ئارتۇقنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
(2) تېرىلغۇ يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ <نۇرغۇن تېرىلغۇ يەرنى ۋەيران قىلغانلار> قىلمىش سادىر قىلغۇچىلاردىن تېرىلغۇ يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ خۇمدان سېلىپ، قەبرە قاتۇرۇپ، ئۆي سېلىپ، قۇم، تاش ئېلىپ، كان قېزىپ، توپا ئېلىپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى دۆۋىلەپ قويۇپ ياكى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، ئاساسىي ئېتىزنىڭ بەش مودىن ئارتۇقراقى ياكى ئاساسىي ئېتىزدىن باشقا تېرىلغۇ يەرنىڭ 10 مودىن ئارتۇقراقىنىڭ تېرىقچىلىق شارائىتىنى ئېغىر ۋەيران قىلغانلارنى ياكى ئېغىر بۇلغىنىشنى پەيدا قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
8 - ماددا ئورۇنلاردىن يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش، ھايىنىغا سېتىش جىنايىتى، تېرىلغۇ يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىرىنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىش ۋە ئۇلارغا جاز ئۆلچەش ئۆلچىمى مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 1 -، 2 -، 3 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
9 - ماددا بۇ ئىزاھاتتا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى كۆپ قېتىم سادىر قىلغانلاردىن قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىرىغا ياكى بۇ ئىزاھاتتا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى بىر يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم سادىر قىلغان بولسىمۇ بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىرىغا يىغىندى مىقدار، سومما بويىچە جازا بېرىلىدۇ.