UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتزەھەر ياساشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى قانۇنسىز ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى

زەھەر ياساشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى قانۇنسىز ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - زەھەرلىك بۇيۇم ياساشقا كېرەكلىك خام ئەشيا ياكى قوشۇلما خۇرۇچنى چېگرا ئىچىدە قانۇنسىز ئېلىپ - ساتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ زەھەر ياساشقا كېرەكلىك خام ئەشيا ۋە قوشۇلما خۇرۇچنى قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئورۇن ياكى شەخسلەر چېگرا ئىچىدە سىركە كىسلاتا ئانگىدرىدى، ئېفىر، خلوروفورم ۋە باشقا زەھەر ياساشقا كېرەكلىك خىمىيىلىك بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئېلىپ - ساتقان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبېيكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇن) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 350 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، سىركە كىسلاتا ئانگىدرىدى، ئېفىر، خلوروفورم ياكى زەھەرلىك بۇيۇم ياساشقا كېرەكلىك باشقا خام ئەشيا ۋە ياكى قوشۇلما خۇرۇچنى قانۇنسىز توشۇپ، ئېلىپ يۈرۈپ چېگرادىن كىرگۈزگەن ۋە چىقارغانلارغا ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقىرىدىكى بۇيۇملارنى چېگرا ئىچىدە قانۇنسىز ئېلىپ - ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. باشقىلارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ياسايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بۇيۇملارنى بەرگەنلەر زەھەرلىك بۇيۇم ياسىغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 356 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت