ئىمپورت قىلىنغان قاتتىق تاشلاندۇقلارنى قانۇنسىز بىر تەرەپ قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى چېگرادىن كىرگۈزۈپ تۆكۈپ قويغان، دۆۋىلەپ قويغان، بىر تەرەپ قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ بولۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش، باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى چېگرادىن كىرگۈزۈپ تۆكۈپ قويغان، دۆۋىلەپ قويغان، بىر تەرەپ قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشىدە ئوبيكتىپ جەھەتتە تۆۋەندىكى بىر قاناچە مەزمۇنلار ھازىرلىنىشى شەرت:
بىرىنچى، چوقۇم دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇشى، ئاساسلىقى <قاتتىق تاشلاندۇق ماددىلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قانۇنى> دىكى چېگرا سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى چېگرا ئىچىەە ئەكىرىپ تۆكۈش، دۆۋىلەپ قويۇش، بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان بولۇشى لازىم؛ ئىككىنچى، چوقۇم چېگرا سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇق ماددا بولۇشى لازىم؛ ئۈچىنچى، بۇ جىنايەتتە قىلمىش سادىر قىلىنغان بولۇشى لازىم.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
339 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى چېگرادىن كىرگۈزۈپ تۆككەنلەر، دۆۋىلەپ قويغانلار ۋە بىر تەرەپ قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مۇھىت ئېغىر بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلار ياكى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلارد بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.