بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ كېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئالداش، ئېزىقتۇرۇش ياك باشقا ئۇسۇللار بىلەن 14 ياشقا توشمىغان بالىلارنى ئالداپ ئائىلىسىدىن ياكى ۋەسىيلىرىدىن ئايرىۋەتكەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - باشقىلارنىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتى ۋە ئۆسمۈر بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە 14 ياشقا توشمىغان بالىلارنى ئالداپ ئائىلىسىدىن ياكى ۋەسىيسىدىن ئايرىۋېتىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
262 - ماددا 14 - ياشقا توشمىغان بالىلارنى ئالداپ ئائىلىسىدىن ياكى ۋەسىيسىدىن ئايرىۋەتكەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېقىۋېلىش قانۇنى
(1991 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى)
30 - ماددا 1 - تارماق بېقىۋېلىش نامى بىلەن بالىلارنى ئالداپ ساتقانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.